akram

ئىزداشلار كۇلۇبىتور بېكەت ياساش تېخنىكىسى بويىچە تېز سۈرەتتە تەربىيەلەش پىروگراممىسى

ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تور بېكەت پىروگراممىسىنى تۈزۈش دېتاللىرىدىن WebStorm ۋە visual studio قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ تۆۋەندىكىدەك تېخنىكىلاردا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىمىز

سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار

سوۋغات

تەربىيەلىنىشكە قاتناشقۇچىلارغا شىركىتىمىز بازارغا سالغان ، ئىلغار زامانىۋى تېخنىكا ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ، بىخەتەرلىك ئۆتكىلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ بىرى بولغان « يېشىل بىرلەشمە » ئورگىنىنىڭ ھەر تۈرلۈك سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ، 135 شىركەت كارخانا ئىشلىتىۋاتقان « ئالتۇن خوراز » تىز سۈرەتتە تور بېكەتنىڭ قۇرۇش سىستېمىسىنىڭ 9000 يۈەنلىك « كارخانا نۇسخىسى » تەمىنلىنىپ بېرىلىدۇ .

تەربىيەلەش زۆرۈرىيىتى

شىركەت كارخانىلار ئۇچۇر دەۋرىگە يۈزلىنىشكە باشلىغان ، ئەنئەنىۋى سودىدىن ئېلېكتىرونلۇق سودىغا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە شىركەت كارخانىلارنىڭ تور تېخنىكا ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە ، « ئۈرۈمچى ئىزبول يۇمشاق دېتال ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى » يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ھەر تۈرلۈك شىركەت ، كارخانا ۋە ئىدارە ئورۇننىڭ تور بېكەت ۋە ئىشخانا ئاپتوماتىكلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قىلىش جەرياندا نۇرغۇن ئورۇنلار تور تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ھەمدە بۇ يوچۇقنى تولۇقلاش ، شىركەتلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى تېخنىكا كۈچىنى زورايتىش ، تور تەشۋىقاتى ۋە توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ قېتىملىق « تور پىروگراممىسى بويىچە تىز سۈرەتتە تەربىيەلەش » پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بىر تەرەپتىن شىركەتلەرنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلىي تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ تېخنىكىغا ئىنتىزار بولغان ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش .

يەتمەكچى بولغان نىشان

بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش پىلانىمىزنىڭ ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ ، ئەمەلىي تۈرلەر ئاساس ، نەزەرىيە قوشۇمچە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ، تەربىيەلەش ئاياغلاشقاندا سىزدە مۇستەقىل تۈر ئىجرا قىلىش ۋە تور تېخنىكا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايسىز.
تەربىيەلەش بىر ئوقۇتقۇچى ئاساس ، كۆپ ئوقۇتقۇچى يانداش ھالەتتە ھەر بىر مەزمۇننى شۇ ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيەسىگە ئىگە تېخنىكلار تەكلىپ بىلەن سۆزلەيدۇ . ھەپتىدە بىر قېتىم پائالىيەت ۋە it ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ نۇتۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
تەربىيەلەش پىلانىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكلار ئۆتۈلگەندىن باشقا ، باسقۇچلار بويىچە ئەمەلىي مەشىق ئىلىپ بېرىلىپ ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ تىز سۈرەتتە ئۆزلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز . نەق مەيدان تەربىيەلەش تاماملانغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى پىروگرامما لايىھەلەش ، پىروگرامما ئېچىش تېخنىكا بىلىملىرىنى توردا تۇرۇپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىسىز. شىركىتىمىز تۈرلەر بويىچە يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش تەجرىبىلىرىنى كۈندە بىلىم خۇمار پروگىراممىرلار بىلەن تور ئارقىلىق ئورتاقلىشىدۇ . تەربىيەلەش تاماملانغاندىن كېيىن داۋاملىق شىركىتىمىزدە پىراكتىكا قىلىپ ، ئەمەلىي تۈرلەرگە قاتنىشىپ ئەمەلىي تەجرىبىگە ئېرىشەلەيسىز .

تەربىيەلەش ئوبيېكتىپلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر

كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئاساسىي بولۇشى كېرەك ، پىروگراممىغا قىزىقىشى ، ئۆگىنىش ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك . تىزىمغا ئالدۇرغاندا ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى 1 تال ، رەڭلىك 1 سۇڭلۇق رەسىم 3 پارچە ، يېشىل كارتا كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى 1 تال قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تەييارلىشى كېرەك .

تەربىيەلەش ۋاقتى

جەمئىي 40 كۈن ، دۈشەنبە كۈنىدىن شەنبە كۈنىگىچە 6 كۈن ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 5:30 گىچە 4 يېرىم سائەت تەربىيەلەش ئىلىپ بېرىلىدۇ

دەرس سۆزلىگۈچى

ئىزبول يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ سابىق باش تېخنىكا ئىنژېنېرى ، چۈش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى ، ئالىي پروگراممىر ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرى .

نەتىجىلەر

بىز تاماملىغان تۈرلەردىن « پىلانلىق تۇغۇت ۋە نوپۇس » مۇلازىمەت سۇپىسى ، 2011 -يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان « مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن » ۋە « ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن » ئۇيغۇرچە ، ئىنگلىزچە ، رۇسچە ، تۈركچە ، قازاقچە خەۋەر مەركىزى ، « ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى » ، « خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى » كۆپ تىللىق ئۇچۇر سۇپىسى ، 2011 – يىلدىن باشلانغان « جۇڭگو – ئاسىيا ، ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى » كۆپ تىللىق ئاخبارات سۇپىسى ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ، « ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى » ئۇيغۇرچە ئاخبارات مەركىزى ، « بارمۇ » ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگى سىستېمىسى ، « مېھرىبان ئانىلار ۋە ساخاۋەتچى ئاتىلار » ئاخبارات سېستىمىسى ، « شىنجاڭ ھېكايىسى » تور ھۆججەتلىك كىتابخانىسى ، « تەكلىماكاننى ئايلىنىش رولى مۇسابىقىسى » كۆپ تىللىق تور ئاخبارات سىستېمىسى ، « ئالتۇن كۆۋرۈك ياۋرۇ ئاسىيا كۆرگەزمىسى » نىڭ ئۇيغۇرچە تور ئاخبارات سىستېمىسى ، « تەلبا تەربىيەلەش مەكتىپى » تور بېكەت سىستېمىسى ، « ئىمران » شىركىتىنىڭ تور بېكەت سىستېمىسى ، « زىننۇر » شىركىتىنىڭ تور بېكەت سىستېمىسى ، « ۋاللەي » شىركىتىنىڭ 6 تىللىق تور بېكەت سىستېمىسى ، « ئەلبېك »شىركىتىنىڭ تور بېكەت سىستېمىسى ، « مۇزتاغ » توڭلىتىش ئۈسكۈنىلىرى مەركىزى ، « سېھران » شىركىتى تور بېكەت سىستېمىسى ، « شىنجاڭ دېھقانلار تورى » ئۇچۇر سۇپىسى ، « ئۇزۇن يول » كۆپ تىللىق تور بېكەت سىستېمىسى ، « كۈركۈم » شىركىتى تور بېكەت سىستېمىسى ، « ئەكبەر » قاشتىشى سودا سۇپىسى ، « يۇرۇڭقاش » شىركىتىنىڭ تور بېكەت سىستېمىسى، «دىلئاي » شىركىتىنىڭ تور بېكەت سىستېمىسى ، « خانلىباس » تەربىيلەش مەكتىپى ، « قەدىرى پولۇسى » ئورگان تورى ، « يېشىل » شىركىتىنىڭ تور بېكەت سىستېمىسى ، تۈركىيە « ئانىي » شىركىتىنىڭ كۆپ تىللىق شىركەت تور بېكەت سىستېمىسى ، « يۇلتۇز » شىركىتى ، جۇڭگو تېلېگراف ئۇيغۇرچە تور مۇلازىمەت سۇپىسى ، ئاقسۇ بىر ۋىلايەت ، بىر شەھەر ، 8 ناھىيە ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ توردا ئىش بېجىرىش سۇپىسى ، « چەرچەن ناھىيەلىك » خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورى ، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ « شىنجاڭ ئاياللىرى » تورى ، « جۇڭگو تېلېگراف تور ئېقىمى سېتىۋېلىش » ئۇيغۇرچە سىستېمىسى ۋە ۋەھاكازالار . يىل ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكىمىزدا مۇشۇ يىل ئىچىدە 27 مىللىي شىركەت كارخانىلارنىڭ تور بېكىتىنى ، 3 زاۋۇتنىڭ ئاپتوماتىكلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ، 14 ۋىلايەت – شەھەر ، ناھىيە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇر سۇپىسى ۋە ئورگان تورى ، 4 گۇرۇھ دەرىجىلىك شىركەت كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر ۋە كەسىپ بىر تەرەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسى ھەمدە ئاپتوماتىكلاشتۇرۇش خىزمىتى ، 30 دىن ئارتۇق ئاپتونوم دەرىجىلىك ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك تۈرلەرنى تاماملىدۇق .

مۇكاپاتلاش تۈزۈلمىسى

تەربىيەلەش پىلانىمىز مۇكاپاتلاش تۈزۈلمىسىنى كىرگۈزگەن بولۇپ مۇكاپات بويۇمى : 1 -دەرىجە خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئىزبول يۇمشاق دېتال شىركىتىدە يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتكە چىقىدۇ ، 2- دەرىجە 2 نەپەر پروگراممىرلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر ئورۇندۇقى ، 3 – دەرىجە 5 نەپەر ، پروگراممىرلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان مېخانىك كۇنۇپكا تاختىسى .
نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار شىركەتلەر ، كارخانا ۋە ئىدارە ئورۇنلىرىغا تونۇشتۇرىمىز .

تەربىيەلەش ھەققى

بۇ قېتىملىق نەق مەيدان تەربىيەلەش پىلانىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى 3400 يۈەن بولۇپ ، ئىسپات ، تالون ۋە ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ . نەق مەيدان تەربىيەلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن تور بېكەت مېدىيا ۋاسىتىسى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىلىملەردىن بەھرىمەن بولالايسىز

دەرسلىك مۇندەرىجىسى

ئالاقىلىشىش